Imagine, if you will -- a gift. I'd like for you to picture it in your mind. It's not too big -- about the size of a golf ball. So envision what it looks like all wrapped up. But before I show you what's inside, I will tell you, it's going to do incredible things for you. It will bring all of your family together. You will feel loved and appreciated like never before and reconnect with friends and acquaintances you haven't heard from in years. Adoration and admiration will overwhelm you. It will recalibrate what's most important in your life.
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر سىز بىرسىگە سوۋغا بەرمەكچى بولسىڭىز .مەن سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك تەسۋىرلەپ بېرەي، ھە -- ئۇ سوۋغا بەك چوڭ ئەمەس چوڭلۇقى گولف توپچىلىك ئۇنىڭ ئورالمىسىغا قاراپ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى پەرەز قىلىپ باقايلى بىراق مەن سىزگە ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن .شۇنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەنكى، ئۇ سىزنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانغا سالىدۇ .ئۇ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ سىز ئىلگىرى ئېرىشىپ باقمىغان مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىق ھېس قىلىسىز شۇنداقلا ئۇ يەنە، سىز ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈشمىگەن .دوستلىرىڭىز ۋە تونۇشلىرىڭىز بىلەن ئالاقىڭىزنى قايتا باغلايدۇ قەلبىڭىزنى بىر خىل .ھۆرمەت ۋە قايىللىق قاپلايدۇ .ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ
It will redefine your sense of spirituality and faith. You'll have a new understanding and trust in your body. You'll have unsurpassed vitality and energy. You'll expand your vocabulary, meet new people, and you'll have a healthier lifestyle. And get this -- you'll have an eight-week vacation of doing absolutely nothing. You'll eat countless gourmet meals. Flowers will arrive by the truckload. People will say to you, "You look great. Have you had any work done?" And you'll have a lifetime supply of good drugs.
ئۇ سىزنىڭ .ئىخلاسمەنلىكىڭىز ۋە ئېتىقادىڭىزنى قايتا يورۇتۇپ بېرىدۇ سىزدە بەدىنىڭىزگە بولغان يېڭى چۈشەنچ .ۋە يېڭى ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ .سىزدە ھېچكىم ھالقىيالمايدىغان ھاياتىي كۈچ ۋە ئېنېرگىيە بولىدۇ ،سۆزلۈكلىرىڭىزنى تېخىمۇ كېڭەيتەلەيسىز ،يېڭى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىسىز ۋە باشقىلاردىن ساغلامراق بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولىسىز بۇ سوۋغاتقا ئېرىشكەندە ھېچ ئىش قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق بولغان .سەككىز ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا ئېرىشىسىز چەكسىز ئېسىل، مەززىلىك تاماقلارغا ئېرىشىسىز ماشىنا-ماشىنىلاپ گۈللەر يېتىپ كېلىدۇ :كىشىلەر سىزگە مۇنداق دېيىشىدۇ «قالتىس بوپكېتىپسەن، يېقىننىڭياقى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» شۇنداقلا، بىر ئۆمۈر ئىنتايىن ياخشى دورىلار تەمىناتىغا ئېرىشىسىز
You'll be challenged, inspired, motivated and humbled. Your life will have new meaning. Peace, health, serenity, happiness, nirvana. The price? $55,000, and that's an incredible deal.
يېڭى رىقابەت ۋە ئىلھامغا .ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كەمتەرلىككە ئېرىشىسىز .ھاياتىڭىزدا يېڭىچە مەنىلەر بولىدۇ تىنچ-ئامانلىق، سالامەتلىك خاتىرجەملىك، خوشاللىق بىخارامان غەمسىز تۇرمۇش دېگەندەك باھاسىچۇ؟ 55مىڭ دوللار بۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان سودا
By now I know you're dying to know what it is and where you can get one. Does Amazon carry it? Does it have the Apple logo on it? Is there a waiting list? Not likely. This gift came to me about five months ago. It looked more like this when it was all wrapped up -- not quite so pretty. And this, and then this. It was a rare gem -- a brain tumor, hemangioblastoma -- the gift that keeps on giving.
شۇ تاپتا سىز ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولۇۋاتىسىز ئامازوندا بارمۇ؟ نىڭ بەلگىسى بارمۇ؟ Apple ئۇنىڭدا ئۆچرەت تۇرۇپ سېتىۋالىمىزمۇ؟ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن بۇ سوۋغىنى مەن بەش ئاي ئىلگىرى تاپشۇرۇۋالغان ئۇ ئورالغان ۋاقتىدا مۇشۇنداقراق ئىدى بەك چىرايلىقمۇ ئەمەستى ئاندىن بۇنداق ئاندىن يەنە مۇنداق ئۇ ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر بىر مېڭە قان تومۇرى ئۆسمىسى قان تومۇر ئۆسمىسى ماڭا توختىماي پايدا يەتكۈزۈۋاتقان سوۋغا ئىدى
And while I'm okay now, I wouldn't wish this gift for you. I'm not sure you'd want it. But I wouldn't change my experience. It profoundly altered my life in ways I didn't expect in all the ways I just shared with you.
گەرچە مەن ھازىر ساقايغان بولساممۇ سىزنىڭ بۇ سوۋغىغا ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمايمەن سىز بۇنى كېرەك قىلامسىز قىلمامسىز ئۇنى بىلمەيمەن لېكىن مەن كەچۈرمىشىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن ئۇ مەن سىلەر بىلەن ھەمبەھرلىنىۋاتقان مەن ئەزەلدىن كۈتۈپ باقمىغان يوللاردا مېنىڭ ھايات مۇساپەمنى ئۆزگەرتتى
So the next time you're faced with something that's unexpected, unwanted and uncertain, consider that it just may be a gift.
شۇڭا، سىز كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلىپمۇ باقمىغان ،ئويلاپمۇ باقمىغان ۋە نامەلۇم نەرسىگە يولۇققاندا شۇنداق ئويلاڭكى .ئۇ بەلكىم بىر سوۋغات بولۇشى مۇمكىن
(Applause)
(ئالقىش)