I started teaching MBA students 17 years ago. Sometimes I run into my students years later. And when I run into them, a funny thing happens. I don't remember just their faces; I also remember where exactly in the classroom they were sitting. And I remember who they were sitting with as well. This is not because I have any special superpowers of memory. The reason I can remember them is because they are creatures of habit. They are sitting with their favorite people in their favorite seats. They find their twins, they stay with them for the whole year.
مەن 17 يىل ئىلگىرى MBA ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈشنى باشلىغان بەزىدە بىر قانچە يىللار بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئۇچرىتىپ قالىمەن. مەن ئۇلارنى ئۇچىراتقاندا بىر قىزىق ئىش يۈز بىرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېسىمدە تۇتۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ سىنىپتىكى قايسى ئورۇندا ئولتۇرغانلىقىنىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. يەنە تېخى ئۇلارنىڭ كىم بىلەن بىللە ئولتۇرغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلەيمەن. بۇ ھەرگىزمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس ئۇلارنى ئەستە ساقلىيالىشمنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ مەلۇم ئادىتى بولغانلىقىدا. ئۇلار ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئورۇندا, ياقتۇرىدىغان ئادەملىرى بىلەن ئولتۇرىشىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ قوشكېزىكىنى تېپىۋېلىپ، پۈتۈن بىر يىل بىللە ئولتۇرىدۇ.
Now, the danger of this for my students is they're at risk of leaving the university with just a few people who are exactly like them. They're going to squander their chance for an international, diverse network. How could this happen to them? My students are open-minded. They come to business school precisely so that they can get great networks.
ئەمدى، بۇنىڭ مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئېلىپ كەلگەن خەتىرى بولسا: ئۇلار بىر قانچە ئۆزى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش كىشىلەر بىلەن ئوقۇش پۇتتۈرۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار خەلقئارالىق، كۆپ خىل مۇناسىۋەت تورىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى ئىسراپ قىلماقچى. ئۇلار بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلىرىم ئىلغار ئىدىيەلىك. ئۇلارنىڭ سودا مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇشى، دەل ئىلغار مۇناسىۋەت تورىغا ئېرىشىش ئۈچۈن.
Now, all of us socially narrow in our lives, in our school, in work, and so I want you to think about this one. How many of you here brought a friend along for this talk? I want you to look at your friend a little bit. Are they of the same nationality as you? Are they of the same gender as you? Are they of the same race? Really look at them closely. Don't they kind of look like you as well?
بىزھازىر ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھاياتىمىزدا، مەكتەپتە ياكى خىزمەتتە تار دائىرە ئىچىدە، شۇڭلاشقا سىلەرنى بۇنى ئويلىشىپ باقسىاڭلار دەيمەن. ئاراڭلاردا قانچىڭلار بۇ نوتۇققا دوستۇڭلارنى بىللە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ دوستۇڭلارغا قاراپ باقساڭلار. ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاش مىللەتتىىنمۇ؟ ئۇلارنىڭ جىنسى سىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇلار ئوخشاش ئىرىقتىنمۇ؟ ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ بېقىڭلار. ئۇلار ھەتتا سىلەرگە ئوخشىشىپمۇ قالامدىكەن؟
(Laughter)
(كۈلكە)
The muscle people are together, and the people with the same hairstyles and the checked shirts.
مۇسكۇللۇقلار بىللە، ئوخشاش چاچ پاسونى بارلار بىللە، كاتەكچە مايكا كەيگەنلەرمۇ
We all do this in life. We all do it in life, and in fact, there's nothing wrong with this. It makes us comfortable to be around people who are similar. The problem is when we're on a precipice, right? When we're in trouble, when we need new ideas, when we need new jobs, when we need new resources -- this is when we really pay a price for living in a clique.
ھەممىمىز ھاياتىمىزدا مۇشۇنداق قىلىمىز. ھاياتىمىزدا ھەممىمىزشۇنداق قىلغاچقا، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق. ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولساق راھەت ھېس قىلىمىز. مەسىلە بىز چوڭ خەتەرگە دۈچ كەلگەندە پەيدا بولىدىغۇ-ھە؟ مەسىلىگە يولۇققان، يېڭى ئىدىيەگە مۇھتاج بولغاندا يېڭى خىزمەت ئىزدىگەندە، يېڭى مەنبەگە ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە، دەل مۇشۇنداق پەيىتلەردە گۇرۇھلىشىپ ياشىغاننىڭ بەدىلىنى تۆلەيمىز.
Mark Granovetter, the sociologist, had a famous paper "The Strength of Weak Ties," and what he did in this paper is he asked people how they got their jobs. And what he learned was that most people don't get their jobs through their strong ties -- their father, their mother, their significant other. They instead get jobs through weak ties, people who they just met. So if you think about what the problem is with your strong ties, think about your significant other, for example. The network is redundant. Everybody that they know, you know. Or I hope you know them. Right? Your weak ties -- people you just met today -- they are your ticket to a whole new social world.
جەمئىيەتشۇناس مارك گرەنوۋېتتېر يازغان داڭلىق ئىلمىي ماقالە «يېراق مۇناسىۋەتنىڭ كۈچى» دە، ئۇ كىشىلەردىن خىزمىتىڭىزگە قانداق ئېرىشكەن؟ دىگەن سۇئالنى سورىغان. ئۇنىڭ جاۋابلارىن يەكۈنلىگىنى: كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمىتىگە يېقىن تونۇشلىرى- دادىسى، ئاپىسى ياكى ئايالى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى تېخى يېقىندىلا تونۇشقان يېراق تونۇشلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن. ئۇنداقتا يېقىن تۇنۇشلۇق مۇناسىۋىتىڭىزدىكى مەسىلە نېمە ئويلاپ بېقىڭ مەسىلەن، ئايالىڭىزنى ئويلاڭ. بۇ يەردىكى مۇناسىۋەت تورى ئارتۇقچە ئۇلار تونۇيدىغان ئادەملەرنى سىزمۇ تۇنۇيسىز ياكى تۇنۇيسىز دەپ تۇرايلى، ھە؟ بۈگۈنلا كۆرۈشكەن يېراق تونۇشلىرىڭىز سىزنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئېرىشىشىڭىزنىڭ بېلىتى.
The thing is that we have this amazing ticket to travel our social worlds, but we don't use it very well. Sometimes we stay awfully close to home. And today, what I want to talk about is: What are those habits that keep human beings so close to home, and how can we be a little bit more intentional about traveling our social universe?
مەسىلە شۇكى بىزدە ئىجتىىمائىي دۇنيانى كېزىدىغان مۇشۇنداق قالتىس بېلەت تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنالمايمىز بەزىدە بىز ئائىلە چەمبىرىكىمىزدىن پەقەتلا ئايرىلالمايمىز. ئۇنداقتا بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىم بولسا: ئىنسانلارنى ئائىلە چەمبىرىكىگە باغلايدىغان ئادەتلەر قايسىلار، ھەمدە بىز قانداق قىلىپ پىلانلىق ھالدا ئىجتىمائىي دۇنيادا سەيلە قىلالايمىز؟
So let's look at the first strategy. The first strategy is to use a more imperfect social search engine. What I mean by a social search engine is how you are finding and filtering your friends. And so people always tell me, "I want to get lucky through the network. I want to get a new job. I want to get a great opportunity." And I say, "Well, that's really hard, because your networks are so fundamentally predictable." Map out your habitual daily footpath, and what you'll probably discover is that you start at home, you go to your school or your workplace, you maybe go up the same staircase or elevator, you go to the bathroom -- the same bathroom -- and the same stall in that bathroom, you end up in the gym, then you come right back home. It's like stops on a train schedule. It's that predictable. It's efficient, but the problem is, you're seeing exactly the same people. Make your network slightly more inefficient. Go to a bathroom on a different floor. You encounter a whole new network of people.
ئەمسە بىرىنچى تاكتىكىغا قاراپ باقايلى. مۇكەممەل بولمىغان ئىجتىمائىي ئىزدەش ماتورى ئىشلىتىش. ئىجتىمائىي ئىزدەش ماتورى دېگىنىم قانداق قىلىپ دوستلىرىڭىزنى تېپىش ۋە تۈرگە ئايرىشقا قارىتىلغان. كىشىلەر دائىم ماڭا شۇنداق دەيدۇ: "ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە تەلەيلىك بولغۇم بار يېڭى خىزمەتكە ئېرىشكۈم بار، قالتىس پۇرسەتكە ئېرىشسەم دەيمەن." مېنىڭ جاۋابىم: "ھىم، بۇ ھەقىقەتەن مۇشكۈل، چۈنكى ئىجتىمائىي چەمبىرىكىڭىزنى ئاساسىي جەھەتتىن مۆلچەرلىگىلى بۇلىدىكەن، كۈندىلىك ئادىتىڭىزنى سىزىپ چىقساق، بەلكىم شۇنى بايقايسىزكى، سىز ئۆيدىن چىقىپ مەكتەپكە ياكى خىزمەتكە بارىسىز، بەلكىم ئوخشاش پەلەمپەي ياكى لىفت بىلەن ئۈستىگە چىقىسىز، تازلىق ئۆيىگە بارىسىز—كۈندە كىرىدىغىنىڭز ئوخشاشلا، ھەتتا كۈندە ئوخشاش بۈلۈمچىگە كىرىسىز، ئىشتىن چۈشۈپ چېنىقىش زالىغا بېرىپ، ئاندىن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىسىز. بۇ پويىز ۋاقىت جەدۋىلىدىكى بېكەتكە ئوخشايدۇ. مۆلچەرلەش شۇنچىلىك ئاسان. ئۇ ئۈنۈملۈك، لېكىن مەسىلە شۇكى، سىز ئوخشاش ئادەملەر بىلەن كۆرۈشىسىز. بۇ سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۈنۈمىڭىزنى تۆۋەنلىتىدۇ. باشقا قەۋەتتىكى تازلىق ئۆيىگە كىرىڭ. پۈتۈنلەي يېڭى كىشىلەر توپىغا يولۇقىسىز.
The other side of it is how we are actually filtering. And we do this automatically. The minute we meet someone, we are looking at them, we meet them, we are initially seeing, "You're interesting." "You're not interesting." "You're relevant." We do this automatically. We can't even help it. And what I want to encourage you to do instead is to fight your filters. I want you to take a look around this room, and I want you to identify the least interesting person that you see, and I want you to connect with them over the next coffee break. And I want you to go even further than that. What I want you to do is find the most irritating person you see as well and connect with them.
بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا، قانداق تۈرگە ئايرىش. ھەمدە قانداق قىلىپ بۇنى ئۆزلىكىدىن قىلىش. بىز بىرى بىلەن كۆرۈشكەن پەيىتتە، ئۇلارغا قاراپ كۆرۈشىمىز، دەسلىپىدە شۇنداق دەيمىز: "سىز قىزىقارلىقكەنسىز." "سىز قىزىقارلىق ئەمەسكەنسىز." "سىز قىممەتلىك" بۇنى ئۆزىمىزمۇ ھېس قىلماي، ئۆزلىكىمىزدىن قىلىمىز. ئەكسىچە مەن سىلەرنى بۇ سۈزگۈچكە جەڭ ئېلان قىلساڭلاركەن دەپ ئىلھام بىرىمەن. زالغا قاراپ بېقىڭلار، ئاندىن سىلەر كۆرگەن ئەڭ زېرىكىشلىك دەپ قارىغان ئادەمنى تېپىپ چىقىڭلار، كېيىنكى ئارام ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ھەتتا سىلەرنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق قىلسىكەن دەيمەن. سىلەرنى قىلسىكەن دېگىنىم، ئەڭ بىزار قىلىدۇ دەپ قارىغان ئادەملەرنىمۇ تېپىش، ھەمدە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش.
What you are doing with this exercise is you are forcing yourself to see what you don't want to see, to connect with who you don't want to connect with, to widen your social world. To truly widen, what we have to do is, we've got to fight our sense of choice. We've got to fight our choices. And my students hate this, but you know what I do? I won't let them sit in their favorite seats. I move them around from seat to seat. I force them to work with different people so there are more accidental bumps in the network where people get a chance to connect with each other. And we studied exactly this kind of an intervention at Harvard University. At Harvard, when you look at the rooming groups, there's freshman rooming groups, people are not choosing those roommates. They're of all different races, all different ethnicities. Maybe people are initially uncomfortable with those roommates, but the amazing thing is, at the end of a year with those students, they're able to overcome that initial discomfort. They're able to find deep-level commonalities with people.
بۇ سىناق ئارقىلىق سىلەر كۆرۈشنى خالىمىغان نەرسىنى مەجبۇرىي كۆرىسىلەر، ئالاقە قىلىشنى خالىمىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىسىلەر، بۇلار ئىجتىمائىي دۇنيارىڭلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن. ھەقىقىي كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىش بولسا، تاللاش سەزگۈمىزگە جەڭ ئېلان قىلىش! ئۇلار بىلەن كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلىرىم بۇنى ياقتۇرمايدۇ. قانداق قىلىمەن؟ ئۇلارنى ياقتۇرىدىغان ئورنىدا ئولتۇرغۇزمايمەن. ئورنىنى يۆتكەپ تۇرىمەن. ئۇلارنى ھەرخىل ئادەملەر بىلەن مەجبۇرىي ئۇچىراشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدا تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىدۇ. بىز خارۋارد ئۇنىۋېرستىتىدا دەل مۇشۇنداق ئارىلىشىشنى تەتقىق قىلقان. خارۋاردتا ياتاق گۇرۇپپىسىغا قارىسىڭىز، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ياتاق گۇرۇپپىسى بار،لېكىن باشقىلار ئۇلارنى ياتاقداشلىققا تاللىمايدۇ. ئۇلار ھەرخىل ئىرق، مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان. بەلكىم ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە بۇ ياتاقداشلىرىدىن بىئارام بولىدۇ، لېكىن ھەيران قالارلىقى، بىر يىل ياتاقداش بولۇپ ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار دەسلىپىدىكى ئۇڭايسىزلىقنى يېڭەلەيدۇ. ئۇلار كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
So the takeaway here is not just "take someone out to coffee." It's a little more subtle. It's "go to the coffee room." When researchers talk about social hubs, what makes a social hub so special is you can't choose; you can't predict who you're going to meet in that place. And so with these social hubs, the paradox is, interestingly enough, to get randomness, it requires, actually, some planning. In one university that I worked at, there was a mail room on every single floor. What that meant is that the only people who would bump into each other are those who are actually on that floor and who are bumping into each other anyway. At another university I worked at, there was only one mail room, so all the faculty from all over that building would run into each other in that social hub. A simple change in planning, a huge difference in the traffic of people and the accidental bumps in the network.
بۇ يەردىكى ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىك نۇقتا، "مەلۇم بىرىنى قەھۋەگە تەكلىپ قىلىڭ." ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئىنچىكە، يەنى "قەھۋەخانىغا كىرىش" تەتقىقاتچىلار ئىجتىمائىي مەركەزنى تىلغا ئالغاندا، شۇنداق مەركەزنى تاللىيالمىغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن ئالاھىدە بولۇپ قالىدۇ. سىز ئۇ جايدا كىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىڭىزنى پەرەز قىلالمايسىز. قىزىقارلىقى، بۇ مەركەزلەردىكى زىددىيەتلىك ئىش بولسا، ئخىتىيارىلىققا ئېرىشىش، ئەمەلىيەتتە بۇنىمۇ پىلانلىشىمىز كېرەك. مەن ئىشلىگەن بىر ئۇنىۋېرستىتىتا، ھەر بىر قەۋەتتە بىردىن خەت-چەك ئۆيى بار ئىدى. بۇ دىگەنلىك بۇ يەردىكى ئۆز- ئارا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدىغان كىشىلەر پەقەت شۇ قەۋەتتكلەر، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنىڭسىزمۇ ئۇچرىشالايدۇ. مەن ئىشلىگەن يەنە بىر ئۇنۋېرستىتىتا، پەقەت بىرلا خەت-چەك ئۆيى بار شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ بىنادىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ئاشۇ ئۆيدە ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. كىچىككىنە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلارنىڭ ئجتىمائىي تورىدا تاسادىپىيلىق شەكىللەندى.
Here's my question for you: What are you doing that breaks you from your social habits? Where do you find yourself in places where you get injections of unpredictable diversity? And my students give me some wonderful examples. They tell me when they're doing pickup basketball games, or my favorite example is when they go to a dog park. They tell me it's even better than online dating when they're there.
سىلەردىن سورايدىغان سۇئالىم: ئىجتىمائىي ئادەتلىرىڭلارنى بۇزىدىغان قايسى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر؟ ئۆزۈڭلارغا پەرەز قىلغۇسىز كۆپ خىللىقنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرالايدىغان ئۇرۇننى قايەردىن تاپىسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلىرىم ماڭا بىر قانچە قالتىس مىساللارنى دەپ بەردى. ئۇلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ۋاسكېتبول ئوينىغاندا، ياكى مېنىڭ ياقتۇرىدىغان مىسالىم، ئۇلارنىڭ ئىت باغچىسىغا بېرىشى. ئۇلار ماڭا ئۇ يەرگە بېرىش توردا مۇھەببەتلىشىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك دېدى.
So the real thing that I want you to think about is we've got to fight our filters. We've got to make ourselves a little more inefficient, and by doing so, we are creating a more imprecise social search engine. And you're creating that randomness, that luck that is going to cause you to widen your travels, through your social universe.
سىلەرنى ئويلىشىپ باقسۇن دىگەن مەسىلە بولسا، بىز سۈزگۈچىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى ئاز-تۇلا ئۈنۈمسىز قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىز تېخىمۇ ئېنىقسىز بولغان ئىجتىمائىي ئىزدەش ماتورى ھاسىل قىلىمىز. سىز دەل ئىجتىمائىي دۇنيارىڭىز ئارقىلىق يولىڭىزنى كېڭەيتىدىغان ئىختىيارىلىقنى شەكىللەندۈرىۋاتىسىز.
But in fact, there's more to it than that. Sometimes we actually buy ourselves a second-class ticket to travel our social universe. We are not courageous when we reach out to people. Let me give you an example of that. A few years ago, I had a very eventful year. That year, I managed to lose a job, I managed to get a dream job overseas and accept it, I had a baby the next month, I got very sick, I was unable to take the dream job. And so in a few weeks, what ended up happening was, I lost my identity as a faculty member, and I got a very stressful new identity as a mother. What I also got was tons of advice from people. And the advice I despised more than any other advice was, "You've got to go network with everybody." When your psychological world is breaking down, the hardest thing to do is to try and reach out and build up your social world.
لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە ئويلىغىنىڭزدىنمۇ كۆپ. بەزىدە بىز ئىجتىمائىي دۇنيارىمىزدا كېزىش ئۈچۈن ئەزان باھالىق بېلەت سېتىۋالىمىز. بىز باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا غەيرەتلىك بۇلالمايمىز. سىلەرگە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي. بىر قانچە يىل ئىلگىرى مېنىڭ شۇنداق كۆڭۈللۈك بىر يىلىم بولغان. شۇ يىلى مەن خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ، غەلبىلىك ھالدا چەتئەلدىكى ئارزۇ قىلغان خىزمىتىمگە قوبۇل قىلىندىم، بالام تۇغۇلۇشقا بىر ئايلا قالغان ئىدى، ئېغىر كېسەل بولدۇم، ئاخىرىدا ئارزۇيۇمدىكى خىزمەتتىن قۇرۇق قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىمدىن ئايرىلىپ، ئانا دىگەن بۇ ۋەزنى ئېغىر يېڭى سالاھىيەتكە ئېرىشتىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان پەند-نەسىھەتلەرگىمۇ نائىل بولدۇم. بۇ نەسىھەتلەر ئىچىدە مېنى ئەڭ بىزار قىلغىنى، "سەن ھەممە ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشىڭ كېرەك" روھىي دۇنيارىم ۋەيران بولىۋاتقان شۇ پەيىتتە، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئىجتىمائىي دۇنيارىمنى شەكىللەندۈرۈش ئەڭ مۈشكۈل ئىش ئىكەن.
And so we studied exactly this idea on a much larger scale. What we did was we looked at high and low socioeconomic status people, and we looked at them in two situations. We looked at them first in a baseline condition, when they were quite comfortable. And what we found was that our lower socioeconomic status people, when they were comfortable, were actually reaching out to more people. They thought of more people. They were also less constrained in how they were networking. They were thinking of more diverse people than the higher-status people. Then we asked them to think about maybe losing a job. We threatened them. And once they thought about that, the networks they generated completely differed. The lower socioeconomic status people reached inwards. They thought of fewer people. They thought of less-diverse people. The higher socioeconomic status people thought of more people, they thought of a broader network, they were positioning themselves to bounce back from that setback.
شۇڭا بىز دەل مۇشۇ ئىدىيەنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلدۇق. بىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ئىككى خىل ئەھۋالدىن كۆزەتتۇق. بىز باشتا ئۇلارنى تۆۋەن چەكتىكى ھالىدا كۈزەتتۇق، يەنى ئۇلار راھەت ۋاقىتتا كۆزەتتۇق. شۇنى بايقىدۇقكى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر راھەت ۋاقتىدا كۆپرەك كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ئىدى. باشقىلارنى بەكرەك ئويلىغان. ئىجتىمائىي ئالاقىدىمۇ چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇلاريۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا باشقىلارنى بەكرەك ئويلاشقان. ئاندىن بىز ئۇلارنى ئەگەر خىزمىتىڭلاردىن ئايرىلىپ قالساڭلارچۇ دەپ تەھدىت سالدۇق. ئۇلار شۇنى ئويلاش بىلەنلا، شەكىللەندۈرگەن ئالاقە تورى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر تەتۈرىسىگە قايىتتى. ئۇلار باشقىلارنى ئويلىمىدى. ئۇلار ئۆز ئەتىراپىدىكىلارنىلا ئويلىدى. يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئويلىدى، تېخىمۇ كەڭرى ئالاقە تورىنى ئويلىدى، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقتىن ئەسلىگە قايتىش ھالىتىگە ئۆتتى.
Let's consider what this actually means. Imagine that you were being spontaneously unfriended by everyone in your network other than your mom, your dad and your dog.
بۇنىڭ زادى نېمىدىن دېرك بېرىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. بارلىق كىشىلەرنى ئۆزلىكىدىن ئالاقە چەمبىرىكىڭلاردىن چىقىرىۋەتتىڭلەر دەپ پەرەز قىلايلى. ئاپاڭلار، داداڭلار ۋە ئىتىڭلار بۇنىڭ سىرتىدا.
(Laughter)
(كۈلكە)
This is essentially what we are doing at these moments when we need our networks the most. Imagine -- this is what we're doing. We're doing it to ourselves. We are mentally compressing our networks when we are being harassed, when we are being bullied, when we are threatened about losing a job, when we feel down and weak. We are closing ourselves off, isolating ourselves, creating a blind spot where we actually don't see our resources. We don't see our allies, we don't see our opportunities.
بۇ دەل بىز ئالاقە تورىمىزغا ئەڭ ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەجرىبە. بۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز دەپ پەرەز قىلىڭ. ئازابلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بوزەك قىلىنىۋاتقاندا ھەمدە خىزمەتتىن ئايرىلىش تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ئاجىز ۋە كۆڭۈلسىز ۋاقتىلىرىمىزدا، ئالاقە تورىمىزنى روھىي جەھەتتىن قىسقارتىۋاتىمىز. بىز بىكىنىۋالىمىز، ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىۋېلىپ لازىملىق مەنبەلىرىمىزنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇ نۇقتا ھاسىل قىلىۋالىمىز. ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى كۆرەلمەيمىز، پۇرسىتىمىزنى كۆرەلمەيمىز.
How can we overcome this? Two simple strategies. One strategy is simply to look at your list of Facebook friends and LinkedIn friends just so you remind yourself of people who are there beyond those that automatically come to mind. And in our own research, one of the things we did was, we considered Claude Steele's research on self-affirmation: simply thinking about your own values, networking from a place of strength. What Leigh Thompson, Hoon-Seok Choi and I were able to do is, we found that people who had affirmed themselves first were able to take advice from people who would otherwise be threatening to them.
بۇنى قانداق يېڭىمىز؟ ئىككى ئاددىي تاكتىكا بار. بىرى، فېيىسبۇكتىكى دوستلار تىزىملىكىنى ئاختۇرۇپ چىقىش، يەنە لىنكېتئىنمۇ بار. شۇ ئارقىلىق ئاشۇ كىشىلەرنى ئېسىڭىزگە ئالىسز، ھەمدە ئۇلاردىن باشقا ئۆزلىكىدىن ئەسكە ئېلىنىدىغانلارنىمۇ تېپىۋالىسىز. تەتقىقاتىمىزدا بىز ئېلىپ بارغان بىر تەجرىبە شۇكى، كلائۇد ستىيلنىڭ ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەتقىقاتىنى مۇلاھىزە قىلدۇق، قىممەت قارىشىنى ئويلىشىش، ئارتۇقچىلىقتىن مۇناۋسىۋەت شەكىللەندۈرۈش. لېي تومپسۇن، خۇنسېك كوي ۋە مەن ئۈچىمىز بۇنى قىلالىدۇق، شۇنى بايقىدۇقكى باشتا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن كىشىلەر ئەكسىچە ئۇلارغا تەھدىت بولىدىغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى قۇبۇل قىلدى.
Here's a last exercise. I want you to look in your email in-box, and I want you to look at the last time you asked somebody for a favor. And I want you to look at the language that you used. Did you say things like, "Oh, you're a great resource," or "I owe you one," "I'm obligated to you." All of this language represents a metaphor. It's a metaphor of economics, of a balance sheet, of accounting, of transactions. And when we think about human relations in a transactional way, it is fundamentally uncomfortable to us as human beings. We must think about human relations and reaching out to people in more humane ways.
ئاخرىقى تەجرىبە، ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقۇڭلارغا قاراپ باقساڭلار، ھەمدە ئەڭ ئاخرىقى قېتىم بىرىدىن ياردەم سورىغان خېتىڭلارغا قارىساڭلار. ئىشلەتكەن سۆزۈڭلارغا قاراپ بېقىڭلار. مۇنداق يېزىپسىلەرمۇ: "سىز ئەڭ ياخشى مەنبە،" ياكى "مەن سىزگە قەرىز،" "سىزدىن مىننەتدارمەن." بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئوخشىتىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ئىقتىسادىي ئوخشىتىشلار، كىرىم-چىقىم جەدۋېلىنىڭ، بۇغالتىرنىڭ، ھېسابات دەپتىرىنىڭ ئوخشىتىشلىرى. بىز ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھېسابات شەكلىدە ئويلىغىنىمىزدا، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىزدە تۈپتىن بىزنى بىئارام قىلىدۇ. بىز كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى تېخىمۇ ئىنسانىي ئۇسۇلدا ئويلىشىمىز كېرەك.
Here's an idea as to how to do so. Look at words like "please," "thank you," "you're welcome" in other languages. Look at the literal translation of these words. Each of these words is a word that helps us impose upon other people in our social networks. And so, the word "thank you," if you look at it in Spanish, Italian, French, "gracias," "grazie," "merci" in French. Each of them are "grace" and "mercy." They are godly words. There's nothing economic or transactional about those words. The word "you're welcome" is interesting. The great persuasion theorist Robert Cialdini says we've got to get our favors back. So we need to emphasize the transaction a little bit more. He says, "Let's not say 'You're welcome.' Instead say, 'I know you'd do the same for me.'" But sometimes it may be helpful to not think in transactional ways, to eliminate the transaction, to make it a little bit more invisible. And in fact, if you look in Chinese, the word "bú kè qì" in Chinese, "You're welcome," means, "Don't be formal; we're family. We don't need to go through those formalities." And "kembali" in Indonesian is "Come back to me." When you say "You're welcome" next time, think about how you can maybe eliminate the transaction and instead strengthen that social tie. Maybe "It's great to collaborate," or "That's what friends are for."
قانداق قىلىپ شۇنداق قىلىش توغرىسىدا بىر تەكلىپ: "مەرھەمەت"، "رەھمەت"، "ئەرزىمەيدۇ" سۆزلىرىنى باشقا تىللاردا قانداق دەيدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمىسگە قاراپ باقايلى. ھەربىر سۆز ئىجتىمائىي ئالاقىمىزدىكى كىشىلەرنى ئىشقا سېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنداقتا "رەھمەت" سۆزىنى ئىسپان، ئىتالىيە ۋە فرانسۇز تىللىرىدا ئپادىلىسەك، "gracias," "grazie," "merci" دېيىلىدۇ. ھەر بىرى «سىپايىلىق» ۋە «شەپقەت». ئۇلار ئۇلۇغ ئىبارىلەر. بۇ سۆزلەردە ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياكى ھېسابات خاراكتېرى مەۋجۇد ئەمەس. «ئەرزىمەيدۇ» سۆزى قىزىقارلىق. بۈيۈك قايىل قىلىش نەزەرىيچىسى روبېرت سىيالدىنى دەيدۇكى، ياخشىلىقىمىزنى قايتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا ھېساب كىتابنى بەكرەك تەكىتلىشىمىز كېرەك. ئۇ «ئەرزىمەيدۇ دېيىشنىڭ ئورنىغا سىزنىڭمۇ ماڭا قايتۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن دەيلى» دەيدۇ. لېكىن بەزىدە ئېلىم-بېرىم شەكلىدە ئويلىماسىق, ئۇنى چىقىرىپ تاشلاش، ئۇنى تېخىمۇ كۆرۈنمەس قىلىش، پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. ئەمدى خەنزۇ تىلىغا قاراپ باقساق، خەنزۇ تىلىدىكى "bú kè qì" سۆزىنىڭ مەنىسى «تۈزۈت قىلماڭ؛ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئۇنچىۋالا تۈزۈت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» ھېندونېزىيە تىلىدىكى"kembali" بولسا، "يېنىمغا قايتىپ كېلىڭ" دېگەنلىك. كېلەر قېتىم «ئەرزىمەيدۇ» دىگەندە، قانداق قىلىپ ھېساب-كىتابنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئەكسىچە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىزنى كۈچەيتىشنى ئويلاپ بېقىڭ. بەلكىم «ھەمكارلاشساق ياخشى ئىش» ياكى «دوست دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ» دەڭ.
I want you to think about how you think about this ticket that you have to travel your social universe. Here's one metaphor. It's a common metaphor: "Life is a journey." Right? It's a train ride, and you're a passenger on the train, and there are certain people with you. Certain people get on this train, and some stay with you, some leave at different stops, new ones may enter. I love this metaphor, it's a beautiful one. But I want you to consider a different metaphor. This one is passive, being a passenger on that train, and it's quite linear. You're off to some particular destination. Why not instead think of yourself as an atom, bumping up against other atoms, maybe transferring energy with them, bonding with them a little and maybe creating something new on your travels through the social universe.
سىلەرنى ئىجتىمائىي دۇنيارىڭلارنى كېزىدىغان بېلىتىڭلار توغرىسىدا ئويلىشىپ باقساڭلاركەن دەيمەن. بىر ئوخشىتىش بار. ئۇمۇملىشىپ كەتكەن ئوخشىتىش: «ھايات بىر سەپەر» شۇنداققۇ؟ پويىز سەپىرى، بىز بولساق پويىزدىكى يولۇچىلار، بەزى كىشىلەر بىز بىلەن سەپەرداش، بەزىلەر بۇ پويىزغا چىقىدۇ، بەزىلەر بىز بىلەن بىللە سەپەر قىلسا، بەزىلەر ئوخشىمىغان بېكەتتە ئايرىلىپ، يەنە يېڭىلىرى چىقىدۇ. مەن بۇ ئوخشىتىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن يەنە بىر ئوخشىتىشنى مۇلاھىزە قىلىپ باقساڭلار، پويىزدا يولۇچى بولۇش پاسسىپ، ھەمدە بەك تۈز. سىلەر مەلۇم مەنزىلگە قاراپ يولغا چىقتىڭلار نېمىشقا ئەكسىچە ئۆزۈڭلارنى ئاتوم دەپ ئويلاپ باقمايسىلەر، باشقا ئاتوملارغا سۇقۇلۇپ يۈرىدىغان، بەلكىم بىللە ئېنىرگىيە توشۇيدىغان، ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىڭلار بار، بەلكىم ئىجتىمائىي دۇنيانى كېزىۋاتقان سەپىرىڭلاردا يېڭى مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىۋاتىسىلەر.
Thank you so much. And I hope we bump into each other again.
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. قايتا ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
(Applause)
(ئالقىش)