(Music)
(مۇزىكا)
(Applause)
(ئالقىشلار)
Thank you.
رەھمەت
Hi, everybody.
كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر.
Ban-gap-seum-ni-da.
(كورىيەچە: مەمنۇن بولدۇم)
I'd like to share with you a little bit of me playing my life.
مۇزىكا ھاياتىم ھەققىدە سىلەر بىلەن ئازراق ئورتاقلاشقۇم بار.
I might look successful and happy being in front of you today, but I once suffered from severe depression and was in total despair. The violin, which meant everything to me, became a grave burden on me. Although many people tried to comfort and encourage me, their words sounded like meaningless noise. When I was just about to give everything up after years of suffering, I started to rediscover the true power of music.
بەلكىم، بۈگۈن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا خۇشال ۋە ئۇتۇق قازانغان كۆرىنىۋاتقاندىمەن ئەمما بىر ۋاقىتلار، ئېغىر بېسىم ئاستىدا پۈتۈنلەي ئامالسىز قالغان ئىدىم. مەن ئۈچۈن، پۈتۈن ھاياتىم بولغان ئىسكىرىپكا ماڭا قەبرە قېزىۋاتقانداك قىلاتتى. ئەتراپىدىمكى كىشىلەر مېنى جاسارەتكە ۋە راھەتلىنىشكە دەۋەت قىلۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئەھمىيەتسىز تۇيۇلاتتى. كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقىمدىن كېيىن ھەممىدىن ۋاز كېچىش ئالدىدىكى چاغلار ئىدى، تۇيۇقسىز، مۇزىكىنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى قايتىدىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
(Music)
(مۇزىكا)
In the midst of hardship, it was the music that gave me -- that restored my soul. The comfort the music gave me was just indescribable, and it was a real eye-opening experience for me too, and it totally changed my perspective on life and set me free from the pressure of becoming a successful violinist.
قېيىنچىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغىنىمدا روھىيىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنى ۋە قايتۇرۇپ بەرگىنى مۇزىكا ئىدى. مۇزىكىنىڭ ماڭا بەرگەن راھەتلىكى تەرىپلىگۈسىز ئىدى. ئۇ مەن ئۈچۈنمۇ بىر ھەيرەتلىك تەجرىبە بولۇپلا قالماستىن دۇنيا قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. ۋە مەشھۇر ئىسكىرىپچىنى بولۇش بېسىمىدىن مېنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئەركىن قىلدى.
Do you feel like you are all alone? I hope that this piece will touch and heal your heart, as it did for me.
سىز ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي يېگانە ھېس قىلىپ قالامسىز؟ بۇ پارچىنىڭ سىزنىڭمۇ قەلبىڭىزگە تىگىشىنى ۋە راھەتلەشتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، خۇددى ماڭا تەسىر قىلغىنىدەك
(Music)
(مۇزىكا)
(Applause)
(ئالقىشلار)
Thank you.
رەھمەت
Now, I use my music to reach people's hearts and have found there are no boundaries. My audience is anyone who is here to listen, even those who are not familiar with classical music. I not only play at the prestigious classical concert halls like Carnegie Hall and Kennedy Center, but also hospitals, churches, prisons, and restricted facilities for leprosy patients, just to mention a few.
ھازىر، مۇزىكىنى كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى تەسىر قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىمەن ۋە بۇنىڭدا ھېچقانداق چەك-چىگرا يوق. تىڭشاش ئۈچۈن كەلگەن ھەرقانداق كىشى مېنىڭ تاماشىبىنىم، ھەتتا كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ياقتۇرمايدىغانلارمۇ ھەم. مەن پەقەت Carnegie Hall ۋە Kennedy Center دەك سەھنىلەردىلا مۇزىكا ئورۇنلىماستىن، بەلكى، دوختۇرخانا، چېركاۋ، تۈرمە ۋە جۈزام كېسەللىكىرى ئۈچۈن ئايرىلغان ئورۇنلاردىمۇ مۇزىكا چالىمەن. بۇ سانىغانلىرىم بىر قىسمىلا خالاس.
Now, with my last piece, I'd like to show you that classical music can be so much fun, exciting, and that it can rock you. Let me introduce you to my brand new project, "Baroque in Rock," which became a golden disc most recently. It's such an honor for me.
ئەمدى چالماقچى بولغان ئاخىرقى پارچەم بىلەن كىلاسسىك مۇزىكىنىڭ نەقەدەر ھۇزۇرلۇق ھاياجانلاندۇرغۇچى ۋە سىلەرنى نەقەدەر ھەيرەتتە سالغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچىمەن. سىلەرگە ئەڭ يېڭى مۇزىكامنى تونۇشتۇرشۇمغا رۇخسەت قىلىڭلار (ئىسمى: Baroque in Rock) بۇنىڭ يېقىندا ئالتۇن پىلاستىنكا بولۇپ باھالىنىشى مەن ئۈچۈنمۇ بىر شەرەپ.
I think, while I'm enjoying my life as a happy musician, I'm earning a lot more recognition than I've ever imagined. But it's now your turn. Changing your perspectives will not only transform you but also the whole world. Just play your life with all you have, and share it with the world. I really look forward to witnessing a transforming world by you, TEDsters. Play your life, and stay tuned.
مېنىڭچە، خۇشال بىر مۇزىكانت بولۇپ ھاياتىمدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان پەيتتە ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ ھاسىلاتلارغا ئېرىشتىم بىراق ھازىر، ھايات قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىش سىزنىڭ نۆۋىتىڭىز. شۇنداقلا سىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ نۆۋىتى. سىزدە بولغان ھەر نەرسە بىلەن ھاياتىڭىزنى جانلاندۇرۇڭ. ۋە بۇنى پۈتۈن دۇنياغا بەھىرلەڭ. مەن ھەقىقەتەن سىلەر تەرىپىدىن ۋە تەدچىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرگەن دۇنياغا شاھىت بولۇشنى كۈتۈۋاتىمەن. ھاياتتا جانلىق تۇرۇڭ.
(Music)
(مۇزىكا)
(Applause)
(ئالقىشلار)