You know who I'm envious of? People who work in a job that has to do with their college major.
كىمگە ھەۋەس قىلىدىغىنىمنى بىلەمسىز؟ ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىدىغانلارغا.
(Laughter)
(كۈلكە)
Journalists who studied journalism, engineers who studied engineering. The truth is, these folks are no longer the rule, but the exception. A 2010 study found that only a quarter of college graduates work in a field that relates to their degree.
ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن مۇخبىرلاغا، ئىنژېنېرلىق ئىلمىنى ئۆگەنگەن ئىنژېنېرلارغا. راست گەپنى قىلسام، ھازىر بۇ خىل كىشىلەر كۆپ ئۇچرىمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئالاھىدە توپ بولۇپ قالدى. 2010- يىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاران 25 پىرسەنتى ئۇنىۋانىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە خىزمەت قىلغان.
I graduated with not one but two degrees in biology. To my parents' dismay, I am neither a doctor nor a scientist.
مەن بىئولوگىيە كەسپىنى بىر ئەمەس ئىككى ئۈنىۋان بىلەن پۈتتۈرگەن. لېكىن دوختۇر ياكى ئالىم بولماي، ئاتا-ئانامنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈم.
(Laughter)
(كۈلكە)
Years of studying DNA replication and photosynthesis did little to prepare me for a career in technology. I had to teach myself everything from sales, marketing, strategy, even a little programming, on my own. I had never held the title of Product Manager before I sent my resume in to Etsy. I had already been turned down by Google and several other firms and was getting frustrated. The company had recently gone public, so as part of my job application, I read the IPO filings from cover to cover and built a website from scratch which included my analysis of the business and four ideas for new features. It turned out the team was actively working on two of those ideas and had seriously considered a third. I got the job.
نەچچە يىللاپ DNA كۆپىيىشى ۋە فوتوسىنتىزلىنىشنى تەتقىق قىلىشنىڭ تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلىشىم بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق ئىدى. مەن سېتىش، بازار ئېچىش، پىلانلاش قاتارلىقلارنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشم كېرەك ئىدى، ھەتتا ئۆزلۈكۈمدىن پروگراممېرلىقنىمۇ ئۆگەندىم. مەن Etsy شىركىتىگە تەرجىمىھالىمنى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى مەھسۇلات دېرىكتورى دىگەن نامغا ئېرىشىپ باقمىغان. مەن ئاللىقاچان Google قاتارلىق بىرقانچە شىركەت تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغان. مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ پېيى يېقىندا بازارغا سېلىندى، خىزمەت ئىلتىماسىمنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە، پاي ھۆججەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ چىقىپ، سودا ئانالىزى ۋە تۆت يېڭى ئالاھىدىلىكنى مۇجەسسەم قىلغان بىر تور بەتنى نۆلدىن باشلاپ قۇرۇپ چىقتىم. نەتىجىدە شىركەت مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەلەرنىڭ ئىككىسىنى ئىشلەتتى، ھەمدە ئۈچىنچى پىكرىمنىمۇ قاتتىق مۇلاھىزە قىلدى. ئاخرىدا بۇ خىزمەتكە ئېرىشتىم.
We all know people who were ignored or overlooked at first but went on to prove their critics wrong. My favorite story? Brian Acton, an engineering manager who was rejected by both Twitter and Facebook before cofounding WhatsApp, the mobile messaging platform that would sell for 19 billion dollars.
ھەممىز دەسلىپىدە سەل قارىلىپ، ئاخرىدا ئۆزىگە ئېتىبارسىز قارىغانلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كىشىلەرنى ئاڭلىغان. مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم؟ برايېن ئەكتون، ئېنژېنىر دېرىكتورى ئۇ ھەمكارلىشىپ 19 مىليارد قىممىتىدىكى كۆچمە ئۇچۇرسۇپىسى WhatsApp نى قۇرۇشتىن بۇرۇن، Twitter ۋە Facebook تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
The hiring systems we built in the 20th century are failing us and causing us to miss out on people with incredible potential. The advances in robotics and machine learning and transforming the way we work, automating routine tasks in many occupations while augmenting and amplifying human labor in others. At this rate, we should all be expecting to do jobs we've never done before for the rest of our careers. So what are the tools and strategies we need to identify tomorrow's high performers? In search for answers, I've consulted with leaders across many sectors, read dozens of reports and research papers and conducted some of my own talent experiments. My quest is far from over, but here are three ideas to take forward.
يىگىرمىنچى ئەسىردە بەرپا قىلغان خادىم قوبۇل قىلىش سستېمىمىز يىمىرىلىۋاتىدۇ، ھەمدە چەكسىز يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە نۇرغۇن ئىختىساسلىقلارنى قولدىن كەتكۈزىۋاتىدۇ. ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى ۋە ئاپتۇماتىك ئۆگىنىشنىڭ تەرەققىياتى، ۋە خىزمەت ئۇسۇلىمىزدىكى ئىسلاھات، نۇرغۇن كەسىپلەردىكى قېلىپلاشقان ۋەزىپىلەرنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇپ، باشقا ساھەلەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكىنى كۈچەيىتتى ۋە ئاشۇردى. بۇ خىل سۈرئەتتە، كىيىنكى كەسپىي ھاياتىمىزنى ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان خىزمەتلەر كۈتۈۋاتىدۇ. ئەتىدىكى يۇقىرى ساپالىقلارنى تېپىپ چىقىشقا زۆرۈر بولغان قۇرال ۋە تاكتىكىلار قايسىلار؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ساھەلەردىكى رەھبەرلەردىن مەسلىھەت ئالدىم، كۆپلىگەن تەتقىقات ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ تالانت تەجرىبىسىنى ئىشلىدىم. ئىزدىنىشىم تېخى ئاياقلاشقىنى يوق، لېكىن كېرەكلىك ئۈچ ئىدىيەنى تاپتىم.
One: expand your search. If we only look for talent in the same places we always do -- gifted child programs, Ivy League schools, prestigious organizations -- we're going to get the same results we always have. Baseball was transformed when the cash-strapped Oakland Athletics started recruiting players who didn't score highly on traditionally valued metrics, like runs batted in, but who had the ability to help the team score points and win games. This idea is taking hold outside of sports. The Head of Design and Research at Pinterest told me that they've built one of the most diverse and high-performing teams in Silicon Valley because they believe that no one type of person holds a monopoly on talent. They've worked hard to look beyond major tech hubs and focus on designers' portfolios, not their pedigrees.
بىرى، ئىزدەش دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ. ئەگەر ئوخشاش ساھەدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش پەقەت تالانىتنىلا كۆزلىسەك، -تالانتلىق بالىلار پروگراممىسى، ئاقىللار مەكتەپلىرى، داڭلىق تەشكىلات قاتارلىقلارنى، بىز يەنىلا شۇ كونا نەتىجىگە ئېرىشىمىز. پۇلى قالمىغان ئوكلاند تەنتەربىيەسى ئەنئەنىۋى ئۆلچەمدە، مەسىلەن يۈگۈرەشتە، يۇقىرى نومۇر ئالالمايدىغان، ئەكسىچە كوماندىغا نومۇر ئېلىپ بىرەلەيدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى ياللىغاندا، كالتەكتوپ تەنھەركىتىگە ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن. بۇ تەنھەرىكەت ساھەسىدىن باشقا ساھەگىمۇ ماس كېلىدۇ. Pinterest نىڭ لاھىيە ۋە تەرەققىيات مۇدىرى ماڭا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ تالانتنى مونوپول قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن، كرېمنىي جىلغىسىدىكى كۆپ خىل ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك گۇرۇپپا قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېىيتپ بەردى. ئۇلار ئاساسلىق تېخنىكا مەركەزلىرىدىن ھالقىپ كىتىش ئۈچۈن تىرىشىتى، ھەمدە دىققىتىنى لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئەمەس، بەلكى ئەسەرلىرىگە قاراتتى.
Two: hire for performance. Inspired by my own job experience, I cofounded a hiring platform called Headlight, which gives candidates an opportunity to shine. Just as teams have tryouts and plays have auditions, candidates should be asked to demonstrate their skills before they're hired. Our clients are benefiting from 85 years of employment research, which shows that work samples are one of the best predictors of success on the job. If you're hiring a data analyst, give them a spreadsheet of historical data and ask them for their key insights. If you're hiring a marketing manager, have them plan a launch campaign for a new product. And if you're a candidate, don't wait for an employer to ask. Seek out ways to showcase your unique skills and abilities outside of just the standard resume and cover letter.
ئىككىنچىسى، نەتىجىگە قاراپ خادىم ياللاڭ. خىزمەت تەجرىبەمدىن پايدىلىنىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بېغىشلايدىغان Headlight ناملىق تور بەتنى ھەمكارلىق ئاساسىدا قۇرۇپ چىقتىم. كوماندىلار سىناق ئالغانغا، ۋە درامما ئۈچۈن يۈز تۇرانە ئىمتىھان بولغانغا ئوخشاش خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىنمۇ قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش تەلەپ قىلىنىشى كېرەك. خېرىدارلىرىمىز 85 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئۈلگە خىزمەتلەر كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى مۆلچەرلەشنىڭ ئەڭ ياخشى بەلگىسى. ئەگەر ئۇچۇر ئانالىز خادىمىغا ئھتىياجلىق بولسىڭىز، ئۇلارغا تارىخىي سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى تارقىتىڭ، ئاندىن نېمىنى چۈشەنگەنلىكىنى سوراڭ. ئەگەر بازار ئاچقۇچىغا ئىھتىياجىڭىز چۈشكەن بولسا، ئۇلارغا بىر يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغۇزۇڭ. ئەگەر خىزمەت ئىزدىگۈچى بولسىڭىز،خۇجايىننىڭ بۇيرۇقىنى كۈتمەستىن ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ. ئۆلچەملىك تەرجىمىھال ۋە مۇقاۋا سۆزىدىن سىرىت ئۆزگىچە قابىلىيىتىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىدىغان ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىڭ.
Three: get the bigger picture. I've heard about recruiters who are quick to label a candidate a job-hopper based on a single short stint on their resume; read about professors who are more likely to ignore identical messages from students because their name was black or Asian instead of white.
ئۈچىنچى، ئومۇمىي يۈزلىنىشنى كۆزىتىڭ. مەن تەرجىمىھالىدىكى كىچىككىنە نۇقسانغا ئاساسەن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى خىزمەت تاقلىغۇچى تۈرىگە ئايرىۋېتىغان خادىم قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئاڭلىدىم، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمى قارا تەنلىكنىڭ ياكى ئاسىيالىقنىڭ ئىسمى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان پرافېسسورلار توغرىسىدا ئوقۇپ قالدىم.
I was almost put on a special needs track as a child. A month into kindergarten, my teacher wrote a page-long memo noting that I was impulsive, had a short attention span, and despite my wonderful curiosity, I was exhausting to work with.
بالا ۋاقتىمدا ئالاھىدە كۈتۈنىدىغانلار قاتارىغا كىرگىلى تاسلا قالغان ئىدىم. يەسىلىدە ئوقۇپ بىر ئاي بولغاندا، ئوقۇتقۇچۇم مېنى ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ دەپ بىر بەت ئوزۇنلۇقتا دوكلات يازغان، ھەۋەسمەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىمنى بىلەتتىم.
(Laughter)
(كۈلكە)
The principal asked my parents into a meeting, asked my mother if there had been complications at birth and suggested I meet with a school psychologist. My father saw what was happening and quickly explained our family situation. As recent immigrants, we lived in the attic of a home that cared for adults with mental disabilities. My parents worked nights to make ends meet, and I had little opportunity to spend time with kids my own age. Is it really a surprise that an understimulated five-year-old boy might be a little excited in a kindergarten classroom after an entire summer by himself?
مەكتەپ مۇدىرى ئاتا-ئانامنى چاقىرىتتى، ئاپامدىن مەن تۇغۇلغاندا ئەگەشمە كېسەللىك بولغانمۇ دەپ سورىدى، ھەمدە مەكتەپ پسخىك دوختۇرىغا كۆرۈنۈشۈمنى تەشەببۇس قىلدى. دادام نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئائىلە ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈردى. يېڭى كۆچمەن بولغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، روھىي كېسەللەر ساناتورىيىسىنىڭ بالكونىدا ئولتۇراتتۇق. ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن ئاتا-ئانام كېچىچە ئىشلەيتتى, شۇڭا تەڭتۈشلىرىم بىلەن ئوينايدىغان ۋاقتىم يوق ئىدى. پۈتۈن يازنى ئۆزى بىلەن ئۆتكۈزگەن روھسىز بەش ياشلىق بالىنىڭ يەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئازراق ھاياجانلىنىشى ھەقىقەتەن شۇنچە ھەيران قالارلىقما؟
Until we get a holistic view of someone, our judgment of them will always be flawed. Let's stop equating experience with ability, credentials with competence. Let's stop settling for the safe, familiar choice and leave the door open for someone who could be amazing. We need employers to let go of outdated hiring practices and embrace new ways of identifying and cultivating talent, and candidates can help by learning to tell their story in powerful and compelling ways. We could live in a world where people are seen for what they're truly capable of and have the opportunity to realize their full potential. So let's go out and build it.
بىر ئادەمنى ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەنمىگۈچە، ئۇلارغا بەرگەن باھايىمىز ھەمىشە خاتا بولۇپ چىقىدۇ. تەجرىبىنى ئىقتىدارغا، دىپلومنى قابىلىيەتكە تەڭ كۆرۈشنى توختىتايلى. بىخەتەر، تۇنۇش نەرسىلەرنى تاللاشنى توختىتىپ، تېخىمۇ قالتىس بىراۋ ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايلى. بىزگە ۋاقتى ئۆتكەن ئوسۇلدا خادىم قوبۇل قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق تالانتنى تونۇپ چىقىپ يىتىشتۈرىدىغان خوجايىنلار، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا ئېيتىپ بىرەلەيدىغان نامزاتلار كېرەك. بىز كىشىلەر ئەمەلىي قابىلىيىتىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىنىدىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلالايدىغان دۇنيادا ياشىيالايمىز. شۇڭا بىرلىكتە شۇنداق دۇنيانى قۇرۇپ چىقايلى.
Thank you.
رەھمەت.
(Applause)
(چاۋاك)