Please close your eyes, and open your hands. Now imagine what you could place in your hands: an apple, maybe your wallet. Now open your eyes. What about a life?
ئىلتىماس، كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ ئالقىنىڭلارنى ئېچىڭلار ئالقىنىڭىزغا نېملەر پاتىدۇ تەسەۋۋۇر قىلىڭ: بىر دانە ئالما، ياكى پورتمالىڭىز. ئەمدى كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار. ھاياتلىق دېسەكچۇ؟
What you see here is a premature baby. He looks like he's resting peacefully, but in fact he's struggling to stay alive because he can't regulate his own body temperature. This baby is so tiny he doesn't have enough fat on his body to stay warm. Sadly, 20 million babies like this are born every year around the world. Four million of these babies die annually.
كۆرۈۋاتقىنىڭىز بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بىر بوۋاق. قارىماققا تىنچ ئارام ئېلىۋاتقاندەك، ئەمما ئۇ ھايات قېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بەدەن ھارارىتىنى تەڭشىيەلمەيدۇ. بۇ بوۋاق شۇ قەدەر نازۈككى بەدىنىدە، جىسمىنى ئىللىق ساقلىغۇدەك ياغمۇ يوق. ئېچىنارلىقى، ھەر يىلى دۇنيادا بۇنداق بوۋاقتىن 20 مىليونى تۇغۇلىدۇ. ھەر يىلى بۇلارنىڭ تۆت مىليونى ۋاپات بولىدۇ.
But the bigger problem is that the ones who do survive grow up with severe, long-term health problems. The reason is because in the first month of a baby's life, its only job is to grow. If it's battling hypothermia, its organs can't develop normally, resulting in a range of health problems from diabetes, to heart disease, to low I.Q. Imagine: Many of these problems could be prevented if these babies were just kept warm.
بىراق بۇنىڭدىنمۇ چوڭراق مەسىلە شۇكى، ھايات قالغان بوۋاقلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇرەككەپ، ساغلاملىق مەسىلىلىرى بىلەن ئۆسىدۇ چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ بىرىنچى ئېيىدىكى بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئۆسۈپ يېتىلىشتۇر. بۇ مەزگىلدە بەدەن ھارارىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، دېئابىتتىن يۈرەك كېسىلىگىچە ئەقلىي قابىليىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ بوۋاقلار ئىسسىق ساقلانسىلا بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
That is the primary function of an incubator. But traditional incubators require electricity and cost up to 20 thousand dollars. So, you're not going to find them in rural areas of developing countries. As a result, parents resort to local solutions like tying hot water bottles around their babies' bodies, or placing them under light bulbs like the ones you see here -- methods that are both ineffective and unsafe. I've seen this firsthand over and over again.
مانا بۇ بۆشكە (恒温箱) نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىراق، كونىچە بۆشكىلەرگە توك كېتىدۇ ۋە باھاسى 20 مىڭ دوللار ئەتراپىدا. ئۇلارنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى چەت-يېزا رايونلاردىن تاپالمايسىز. نەتىجىدە، ئاتا-ئانىلار يەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ ئىسسىق سۇ قاچىلانغان بوتۇلكىلارنى بوۋاقنىڭ بەدىنى ئەتراپىغا قويۇش ياكى، كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك ئېلىكتىر لەمپىلەرنىڭ ئاستىغا قويۇش دېگەندەك بۇ ئۇسۇللار پايدىسىز ۋە خەتەرلىكتۇر مەن بۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن نۇرغۇن قېتىم كۆرگەن
On one of my first trips to India, I met this young woman, Sevitha, who had just given birth to a tiny premature baby, Rani. She took her baby to the nearest village clinic, and the doctor advised her to take Rani to a city hospital so she could be placed in an incubator. But that hospital was over four hours away, and Sevitha didn't have the means to get there, so her baby died.
ھېندىستانغا تۇنجى بارغىنىمدا سەۋىتا ئىسىملىك بۇ ياش ئايالنى ئۇچىراتتىم ئۇنىڭ بىۋاقىت تۇغۇلغان بوۋىقى رانى يېقىندىلا دۇنياغا كەلگەنىدى ئۇ قوزىسىنى يېقىن ئەتراپتىكى قىشلاق شىپاخانىسىغا ئېلىپ باردى دوختۇرلار رانىنى بۆشكىگە ئېلىش ئۈچۈن شەھەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىشنى ئېيتتى ئەمما، ئۇ دوختۇرخانا تۆت سائەتلىك يېراق مۇساپىدە ئىدى سەۋىتانىڭ ئۇ يەرگە بارغۇدەك قاتناش ۋاستىسى ياكى مەبلىغى يوق ئىدى شۇ سەۋەبلىك بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى
Inspired by this story, and dozens of other similar stories like this, my team and I realized what was needed was a local solution, something that could work without electricity, that was simple enough for a mother or a midwife to use, given that the majority of births still take place in the home. We needed something that was portable, something that could be sterilized and reused across multiple babies and something ultra-low-cost, compared to the 20,000 dollars that an incubator in the U.S. costs.
مۇشۇ ۋەقە ۋە بۇنىڭدەك كۆپلىگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك مەن ۋە مېنىڭ گۇرۇپپام بۇ مەسىلىگە توك كەتمەيدىغان، يەرلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېپىشنى ئويلىدۇق. ئۇ يەردىكى بالىلار ئۆيدە تۇغۇلدىغانلىقى ئۈچۈن، ئانا ياكى تۇغۇتئانىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە قولاي بىر ئەسۋاب كېرەك ئىدى. ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەپچىل، دېزىنفېكسىيەلەپ، بىر نەچچە بوۋاققا قايتىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋە ئامېرىكىدىكى 20 مىڭ دوللارلىق بۆشكىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەرزان بولىشى كېرەك ئىدى.
So, this is what we came up with. What you see here looks nothing like an incubator. It looks like a small sleeping bag for a baby. You can open it up completely. It's waterproof. There's no seams inside so you can sterilize it very easily. But the magic is in this pouch of wax. This is a phase-change material. It's a wax-like substance with a melting point of human body temperature, 37 degrees Celsius. You can melt this simply using hot water and then when it melts it's able to maintain one constant temperature for four to six hours at a time, after which you simply reheat the pouch. So, you then place it into this little pocket back here, and it creates a warm micro-environment for the baby.
شۇڭا، بىز بۇنى ئويلاپ تاپتۇق. بۇ يەردە كۆرۈۋاتقىنىڭىز بۆشكىگە پەقەت ئوخشىمايدۇ. بۇ بوۋاقلارنى ئۇخلىتىدىغان كىچىككىنە سومكىغا ئوخشايدۇ. سىز بۇنى تولۇق ئاچالايسىز. بۇ سۇ ئۆتكۈزمەسلىك خۇسۇسىيىتىگە ئېگە. ئىچى تەرىپىدە قاتلاملار يوق بۇ دېزىنفېكسىيەلەشكە قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن لېكىن بۇنىڭ سىرى بۇ خالتىلىق شامغا ئوخشاش ماتېريالدا بۇ باسقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى ماتېريال بۇ ماددا شامغا ئوخشايدۇ ئىنسان تېنى ھارارىتىدە. يەنى، 37 سېلسىيە گىرادۇستا ئېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئېگە بۇنى ئېرىتىش ئاددىي سىز بۇنى ئىسسىق سۇ بىلەنلا ئېرىتەلەيسىز ئېرىگەندىن كېيىن، بىر قېتىمدا 4-6 سائەتقىچە مۇنتىزىم بىر خىل ھارارەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ كېيىن سىز بۇنى يەنە قايتا ئىسسىتالايسىز ۋە بۇ يەردىكى كىچىككىنە يانچۇققا ئورۇنلاشتۇرىسىڭىز بولىدۇ بۇ بوۋاق ئۈچۈن ئىللىق مىكرو مۇھىت ھاسىل قىلىدۇ
Looks simple, but we've reiterated this dozens of times by going into the field to talk to doctors, moms and clinicians to ensure that this really meets the needs of the local communities. We plan to launch this product in India in 2010, and the target price point will be 25 dollars, less than 0.1 percent of the cost of a traditional incubator.
قارىماققا ئاددىي، لېكىن بىز قايتا-قايتا بۇ ساھەدىكى دوختۇرلار ۋە ئانىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق بۇنى يەرلىك خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە ئامالنى قوللاندۇق بىز بۇ مەھسۇلاتنى 2010-يىلدا ھېندىستاندا قوللىنىشنى باشلىماقچى نەرخى 25 دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ يەنى كونىچە بۆشكىنىڭ نەرخىنىڭ 0.1 پېرسەنتى
Over the next five years we hope to save the lives of almost a million babies. But the longer-term social impact is a reduction in population growth. This seems counterintuitive, but turns out that as infant mortality is reduced, population sizes also decrease, because parents don't need to anticipate that their babies are going to die. We hope that the Embrace infant warmer and other simple innovations like this represent a new trend for the future of technology: simple, localized, affordable solutions that have the potential to make huge social impact.
كېيىنكى بەش يىلدا، ئۈمىد قىلىمىزكى بىر مىليون بوۋاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايمىز بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تەسىرى نوپۇس سانىنىڭ كېمىيىشىنى مەقسەد قىلىدۇ بۇ ھېسىياتقا قارشىدەك تۇيۇلىدۇ لېكىن بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈشى كېمەيگەنسىرى نوپۇس سانىمۇ ئازىيدۇ چۈنكى، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرمەيدۇ بوۋاقلارنى ئىسسىتقۇچى ئەسۋاب ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاددىي ئىسلاھاتلارنىڭ كەلگۈسى تېخىنىكىلار ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىشنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئاددىي، يەرلىك، ئەرزان ئۇسۇللارنىڭ چوڭ بىر ئىجتىمائىي تەسىر قوزغاش خۇسۇسىيتى بار
In designing this we followed a few basic principles. We really tried to understand the end user, in this case, people like Sevitha. We tried to understand the root of the problem rather than being biased by what already exists. And then we thought of the most simple solution we could to address this problem. In doing this, I believe we can truly bring technology to the masses. And we can save millions of lives through the simple warmth of an Embrace.
بۇ خىل لايىھەنى تۈزۈشتە بىز ئاساسىي قائىدىلەرگە رىئايە قىلدۇق بىز سەۋىتاغا ئوخشاش پايدىلانغۇچىلارنى چۈشۈنۈشكە تىرىشتۇق بىز مەۋجۇد نەرسىگە مايىل بولماستىن ئەكىسچە، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشتۇق كېيىن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلنى تاپتۇق ئىشىنىمەنكى، بىز مۇشۇ ئۇسۇلدا كۆپچىلىككە تېخنولوگىيەنى ئېلىپ كىلەلەيمىز ئاددىيغىنە «قۇچاقلاش» مېھرى بىلەن، مىليونلىغان ھاياتنى ساقلاپ قالالايمىز.